مالىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

مالىدا نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلات ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1105239
مالىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىدا 51 ئاممىۋى تەشكىلات ھۆكۈمەتنىڭ پايتەخت باماكودا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىنى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، 51 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پايتەختتە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىنى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنىڭ دېموكراتىيە زەربە بېرىش بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر چەكلىمىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت  قىلىدىغان مالى ئاساسىي قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەنە ھۆكۈمەتتىن يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «مەملىكەتلىك ئىتتىپاق قانۇنى»نى كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان نامايىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى قانۇنى» بۈگۈن پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلۇپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىكەن.


خەتكۈچ: #مالى , #نامايىش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر