فەيسبۇكنىڭ بىر بىناسى بومبا تەھدىتى بىلەن بوشىتىلدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى فەيسبۇكنىڭ ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا جايلاشقان ھويلىسىدىكى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر بىناسى بومبا تەھدىتى بىلەن بوشىتىلدى.

1105219
فەيسبۇكنىڭ بىر بىناسى بومبا تەھدىتى بىلەن بوشىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېنلو باغچىسى ساقچى مەركىزى فەيسبۇكنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىناسىنىڭ بومبا تەھدىتى بىلەن بوشىتىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ساقچى ئىدارىسى فەيسبۇكنىڭ مېنلو باغچىسى ھويلىسىغا قارىتىلغان نامسىز بومبا تەھدىتى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەر ۋاقتى 16:30 دا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مېنلو باغچىسى ساقچى مەركىزى فەيسبۇكنىڭ ھويلىسىدىكى بىر بىنانىڭ بوشىتىلغانلىقى، بومبا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەكشۈرۈلگەن بىنالاردا ھېچقانداق پارتلىغۇچى ماددا تېپىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر