بىرازىلىيەدىكى بىر چوڭ چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىگە قاراشلىق كامپىناس شەھىرىدىكى بىر كاتېدرال (چوڭ چېركاۋ) دا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1105182
بىرازىلىيەدىكى بىر چوڭ چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىگە قاراشلىق كامپىناس شەھىرىدىكى بىر كاتېدرال (چوڭ چېركاۋ) دا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.

ئىبادەت ئەسناسىدا ئىككى قورال بىلەن چېركاۋغا كىرىپ ئەتراپتىكىلەرنى ئوققا تۇتقان ھۇجۇمچىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنىمۇ ئاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

كامپىناس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى، «چېركاۋ ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلدى. بۇ چوڭقۇر ئازاب ئۈچۈن ھەممىڭلارنىڭ دۇئالىرىغا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.

ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ۋە يېشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر