تەيۋەن خۇاۋېي ۋە ZTE نىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى چەكلىدى

تەيۋەن، خىتاي تېلېكوم شىركىتى خۇاۋېي ۋە ZTE نىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلىدى.

1104530
تەيۋەن خۇاۋېي ۋە ZTE نىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن پارلامېنتى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈستقۇرۇلمىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 5 يىل بويىچە چەكلەشنى قارار قىلدى.

ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەپتە ئاخىرى بويىچە داۋاملاشقان پارلامېنت مۇزاكىرىلىرىدە قانۇن چىقارغۇچىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى چەكلىمىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ۋە بۇنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا قايىل قىلىشقا تىرىشتى.

چەكلىمە قويۇلغان شىركەتلەردىن خۇاۋېي تەيۋەندە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە. شىركەتنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىدىن باشقا يانفون ۋەباشقا كۆچمە ئاپپاراتلىرىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

خۇاۋېي، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاي دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، ئەسلىھە ۋە ئاپپاراتلىرىغا مەخپىي ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان «ئارقا ئىشىكلەر» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ خېلى كۆپ دۆلەتلەردە چەكلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا قارشى چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلغانىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە خۇاۋېينىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنىڭ دۆلەتلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى مەنئى قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر