نىگېرىيەدە يولۇچىلار كېمىسى پاجىئەسى يۈز بەردى
نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر يولۇچىلار چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.
1103563
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 9 ئادەم ئۆلدى.
يەرلىك تاراتقۇلاردا چىققان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بەنۇ دەرياسىدا تەخمىنەن 140 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە بوران سەۋەبلىك چۆكۈپ كەتكەن.
ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇسا ئىببى، دەريادىن ھازىرغىچە 4ى بالا بولۇپ جەمئىي 9 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مۇسا ئىببى كېمىنىڭ نورمالدىن ئارتۇق يولۇچى ۋە يۈك ئېلىپ ماڭغانلىقى سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.