فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نامايىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى باشلىنىپ پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون ۋە ھۆكۈمىتىگە قارشى غەزەپكە ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق چاپانلىقلار نامايىشى پايتەخت پارىژ كوچىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

1103186
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نامايىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوف كاستانېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت مىقياسىدا 125 مىڭ ئادەم ئىشتىراك قىلغان ۋەقەلەر دائىرىسىدە 974 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، 17 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 118 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرىق چاپانلىقلار، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلمۇ ئۆستۈرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا قارىماي، فىرانسىيە مىقياسىدا ماكرون ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇردى.

نامايىشچىلار، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 07:00  ئەتراپىدا پارىژنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان كەمپس – ئېلېسې يولىغا يىغىلىشقا باشلىدى، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن يولغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. «ماكرون ئىستېپا بەر» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا پات – پات سۈركىلىشلەر يۈز بېرىپ تۇردى.

سېرىق چاپانلىقلار چۈش ۋاقتى بولغاندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سوغۇققان بولۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا پەرۋا قىلماستىن ئەتراپتىكى كوچىلارغا كىرىپ، ساقچىلارغا تاش ۋە شىشىلەرنى ئاتتى، نۇرغۇن ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەردى.

دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدىكى نامايىشلار يۈزىسىدىن نۇرغۇن يوللارغا قاتناش ۋاسىتىلىرى كىرگۈزۈلمىدى. دۆلەت مىقياسىدا 89 مىڭ ساقچى ۋەزىپە ئۆتىدى؛ پارىژدا 8 مىڭ ساقچى بىلەن 12 بىرونېۋىك ۋەزىپە ئۆتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر