قارادېڭىزدىكى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىمىز كېلىشىمگە ئاساسلىنىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دائىرىسىدە  قارادېڭىزدا ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

1102223
قارادېڭىزدىكى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىمىز كېلىشىمگە ئاساسلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋاشىنگتون: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى <ئوچۇق سامالار كېلىشىمى> گە ئاساسەن قارادېڭىز ئۈستىدە پەۋقۇلئاددە ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ پائالىيەتلەردىن مەقسەت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە باشقا ئەللەرنى قوغدايدىغانلىقىنى ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشتۇر. رۇسىيە <كېرچ بوغۇزى> دا ھېچقانداق بىر ئىغۋاگەرلىك ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقمىسىمۇ ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، رايونغا نىسبەتەن تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە ۋە ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيەشتۈرمەكتە. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ، بىراق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە باشقا رايونلاردىكى قانۇنسىز ۋە ۋەزىيەتنى كەسكەنلەشتۈرۈۋېتىدىغان پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قارادېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشنى پىلانلىغانلىقى، بۇ مەقسەتتە تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى بوغۇزلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئەنقەرەدىن رۇخسەت تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

25 – نويابىر كۈنى قارادېڭىزدىكى «كېرچ بوغۇزى» ئەتراپىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى سۇ تەۋەلىكىگە تاجۋۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت 3 پاراخوتنىڭ 24 خادىمىنى قولغا ئالغانىدى.

قىرىمدىكى رۇس سوت مەھكىمىسى ئۇكرائىنالىق 24 ئەسكەرنى 2 ئايلىقتىن  تۇتقۇنلۇق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ۋە موسكۋاغا ئەۋەتىلگەن بۇ ئەسكەرلەرگە 6 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر