ۋېنگىرىيە ماكېدونىيە بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋېنگىرىيە، ماكېدونىيە بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1101726
ۋېنگىرىيە ماكېدونىيە بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر سزىججارتو، دۆلىتىنىڭ ماكېدونىيە بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان پېتېر، ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش يولىدا گەۋدىلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى يىلى يانۋار ياكى فېۋرال ئېيىدا گىرېتسىيە بىلەن ئىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ناتوغا ئەزا بولۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا، ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا دۆلىتىنىڭ ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈسكۈپنىڭ ياۋرو – ئاتلانتىكقا ماسلىشىش مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېتېر، «ماكېدونىيە ئاللىبۇرۇن ناتو ئەزاسى بولۇپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ھازىرغىچە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئەزا بولۇش ئۈچۈن يېتەرلىك» دېدى.

ئۇ، غەربىي بالقاندىكى ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئېغىر كاشىلىلارنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ بولسا، ياۋرو – ئاتلانتىك ماسلىشىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ۋىنگېرىيەگە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن يېقىن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ يەردىكى مۇقىملىقنىڭ ۋىنگېرىيەگە نىسبەتەنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پېتېر، بۇداپېشىتنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ناتو ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر