تىنچ ئوكياندا 7.5 بال يەر تەۋرىدى

تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان يېڭى كالېدونىيە ئەتراپىدا 7.5 بال يەر تەۋرىدى.

1101020
تىنچ ئوكياندا 7.5 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى كالېدونىيەنىڭ تادىنې شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 168 كىلومېتىر يىراقلىقتا، 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 7.5 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تىنچ ئوكيان دېڭزى تاشقىنى ئاپىتى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن ئەتراپتىكى ئاراللار ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى كالېدونىيە تىنچ ئوكياندىكى «ئاتەش چەمبىرى» دەپ ئاتىلىدىغان  «تەۋرەش بەلبېغى» غا جايلاشقان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر