شۋارزېنېگېر: شۇنداق، بىزنىڭ بىر ھاماقەت پىرېزىدېنتىمىز بار

ئامېرىكىلىق پىشقەدەم سىياسەتچى، كىنو ئارتىسى ۋە پائالىيەتچى ئارنولد شۋارزېنېگېر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى كۆزدە تۇتقان ھالدا «شۇنداق، بىزنىڭ بىر ھاماقەت پىرېزىدېنتىمىز بار» دېدى.

1099973
شۋارزېنېگېر: شۇنداق، بىزنىڭ بىر ھاماقەت پىرېزىدېنتىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ كاتوۋىچې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 24 – نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنىدا سۆز قىلغان ئاۋستىرىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن، ئۆزىگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى ئارتىس شۋارزېنېگېر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئامېرىكا پۇقراسى شۋارزېنېگېر، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «شۇنداق، بىزنىڭ بىر ھاماقەت پىرېزىدېنتىمىز بار (پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنىڭ) سىرتىدا قالىدىغان. لېكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋاشىنگتوندىكى بىر لىدېردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كۆپلىگەن ئورگانلارنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شۋارزېنېگېر، ترامپ كېلىشىمنى قوبۇل قىلمىسىمۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېلىشىمنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، «بىزنىڭ ۋاشىنگتوندا ناھايىتى ئارقىدا قالغان بىر ھۆكۈمىتىمىز بار» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدە قارار قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنىڭ دۇنيانىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 190 ئەتراپىدا دۆلەت ئىمزالىغان كىلىمات كېلىشىمىغا دۆلىتىگە نىسبەتەن «ئېغىر دەرىجىدە ئادالەتسىز» دەپ باھا بەرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى ئىيۇندا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر