ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ «كېلىشتى»

ئارگېنتىنادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ نۇرغۇن مەسىلىسىدە كېلىشتى.

1098719
ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ «كېلىشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 90 كۈنگىچە يېڭى تاموژنا بېجى يولغا قويماسلىق توغرىسىدا كېلىشتى.

ئاقساراي ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە نۇرغۇن مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 90 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي دائىرىلىرى رەسمىي كېلىشىم ھاسل قىلىش مەقسىتىدە ئىزچىل سودا مۇزكىرىلىرى ئۆتكۈزىدىكەن ۋ بۇ 90 كۈن ئىچىدە ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويمايدىكەن.

باياناتتا يەنە ترامپنىڭ 2019-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتقا قويۇلىدىغان %25قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتىنى %10 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئەگەر 3 ئايلىق مۇزكىرىلەردىن كېيىنمۇ بىرەر نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىسا،%10لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ قايتا %25گە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى قايتا باشلايدىغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن باياناتتا، خىتاينىڭ يەنە ئامېرىكادىن زور مىقداردا ئېنېرگىيە، سانائەت ۋ باشقا ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مەسىلە پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان «سودا تەڭپۇڭسىزلىقى»نىڭ مەلۇم دەرىجىدە ھەل بولۇشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئامېرىكاغا فېنتايل ساتقان خىتايدىكى شىركەت ۋە شەخسلەرنى ئېغىر جازالاندۇرۇش توغرىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.  

ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىدە يەنە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنۇلار دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ترامپ ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ  شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن بىرلىكتە، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش يولىدا كۈچ چىقىرىدۇ.»

باياناتتا شى جىنپىڭنىڭ  «كئۇكوم » (Qualcomm-NXP)كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر