س ن ن قانىلى پەلەستىن توغرىسىدا سۆز قىلغان لامونت خىلنى خىزمەتتىن بوشاتتى

ئامېرىكانىڭ س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا پەلەستىن توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئانالىزچى مارك لامونت خېلنى خىزمەتتىن بوشاتتى.

1097813
س ن ن قانىلى پەلەستىن توغرىسىدا سۆز قىلغان لامونت خىلنى خىزمەتتىن بوشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ب د ت دا سۆز قىلغان لامونت خېل، س ن ن قانىلىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەلدى. س ن ن باياناتچىسى باربارا لېۋىن، لامونت خىلنىڭ خىزمەتتىن نېمىشقا بوشىتىلغانلىقى توغرىسىدا روشەن ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «مارك لامونت خېل بۇنىڭدىن كېيىن س ن ن دە ئىشلىمەيدۇ» دېدى.

ب د ت دىكى سۆزى جەريانىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن «دەريادىن دېڭىزغىچە ئەركىن پەلەستىن» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنىدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپدارى گۇرۇپپىلار، لامونت خىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان تېمپىل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە س ن ن قانىلىنى، خىلنى خىزمەتتىن بوشىتىشقا چاقىرغانىدى.

تېمپىل ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «لامونت خىلنىڭ ب د ت دا قىلغان سۆزلىرى پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلماقتا. بىر پۇقرا سۈپىتىدە دېگەن سۆزلىرى ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنماقتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ بېسىم نەتىجىسىدە لامونت خىلنى خىزمەتتىن بوشىتىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى. لامونت خىل ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەردىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «پەلەستىننىڭ ئەركىنلىكىنى قوللايمەن. پەلەستىننىڭ ئۆزىگە ئالاقىدار قارارلىرىنى ئۆزىنىڭ چىقىرىشىنى قوللايمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئېمبارگولىرىغا قەتئىي قارشىمەن. <يەھۇدىي دۈشمەنلىكى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى> ياكى قىلغان سۆزلىرى ئۈچۈن ماڭا ئارتىپ قويۇلغان شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قوللىمايمەن. پۈتكۈل ھاياتىمنى بۇلارغا قارشى كۈرەش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر