سالىھى، يادرو كېلىشىمى ۋە توكيو - تېھران مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى، يادرو كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە رايون ۋە خەلقئارالىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1097149
سالىھى، يادرو كېلىشىمى ۋە توكيو - تېھران مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ئەكبەر سالىھى، ياپونىيەنىڭ كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا داۋاملىشىۋاتقان ئىران - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ يادرو سۆھبەتلىرى ۋە ياپونىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، ياپونىيەنىڭ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ تېھرانغا قاراتقان بىر تەرەپلىمە ئېمبارگوسى تۈپەيلى ئىران مەسىلىسىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئالدىدىكى سەزگۈر ئورنىنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ياپونىيەنى سەھىيە لازىمەتلىكلىرى ۋە پەن – تېخنىكا دېگەندەك ئامېرىكا ئېمبارگوسىنىڭ سىرتىدىكى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان سالىھى، «ياپونىيەنىڭ مۇستەقىل رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز. ياپونىيە خالىسا، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق ساھەلەر بار، لېكىن، ياپونلار ئىران مەسىلىسىدە ئادەتتىن تاشقىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا» دېدى.

سالىھى، ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا قارىماي، ياپونىيەنىڭ ئىران بىلەن يادرو بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئسەكەرتىپ، «ياپونلار، يادرو بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى ھەرقانداق شارائىتتا داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ماي ئېيىدا چېكىنىپ چىققان يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر توغرىسىدىمۇ توختالغان سالىھى، ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، ئىراننى ئامېرىكا ئېمبارگولىرىدىن قوغداپ قالىدىغان «پۇل تۆلەش» مېخانىزماسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىنىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەممەيلەنگە، ھەتتا ئۆزىمىز، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايونغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر