نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ بېنۇ ئۆلكىسىدە قوراللىق زوراۋانلار 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1096329
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ بېنۇ ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى.

بېنۇ ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى موسېس يامۇ، بېنۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق لېسسېل رايونىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇم سادىر قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يامۇ ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايونغا موتسىكلىت بىلەن كەلگەن زوراۋانلارنىڭ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنى ئوققا تۇتقانلىقلىرىنى ئېيتقان يامۇ، زوراۋانلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ رايون پات-پات پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

پادىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن فۇلانىلەر، دېھقانلارنىڭ پادىلىرىنى ئوغرىلاپ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دېھقانلار بولسا فۇلانى پادىچىلىرىنىڭ خىرىستىيانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلاردا 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام ئالىمى شەيخ ئوسمان دان فودىيونىڭ دىنى تەلىماتلىرىنى تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر