مېكسىكا ئامېرىكادىن چېگرادىكى ۋەقەلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى

مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن تىجۇئانا-كالىفورنىيە چېگرسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

1096409
مېكسىكا ئامېرىكادىن چېگرادىكى ۋەقەلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن 25-نويابىردا مېكسىكا-ئامېرىكا چېگراسىدا ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن مۇداخىلە قىلىنىپ بېسىقتۇرۇلغان ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مېكسىكا ئەلچىخانىسىغا تىجۇئانا-كالىفورنىيە چېگرسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كەڭ دائىرلىك تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن نوتا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە مېكسىكانىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكتىلىنىپ، كۆچمەن ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ماسىلىشىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مېكسىكانىڭ تىجۇئانا شەھىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىغا كەلگەن ئوتتۇرا ئامېرىكىلىق كۆچمەنلەر، سىياسىي پاناھلىق رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاستا بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل 25-نويابىردا نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىش جەريانىدا بەزى نامايىشچىلار مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا چېگراسىغا سېلىنغان مېتال تاملاردىن ئاتلاپ ئامېرىكا زېمىنىغا كىرىشكە ئۇرۇندى.

ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى چېگرانىڭ تاقىۋېتىلىشىغا سەۋەب بولغان بۇ ۋەقەلەرنى نامايىشچلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئىشلىتىپ ئاران بېسىقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر