بۇلغارىيە بىلەن پولشا، موسكۋا بىلەن كىيېۋنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى

بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ بىلەن پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېج دۇدا، موسكۋا بىلەن كىيېۋنى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىقنى پەسەيتىشكە چاقىردى.

1096401
بۇلغارىيە بىلەن پولشا، موسكۋا بىلەن كىيېۋنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پولشا پىرېزىدېنتى دۇدا بىلەن بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رادېۋ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئارىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى؛ پىرېزىدېنت دۇدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رادېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى موسكۋا – كىيېۋ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلسە، پولشا بۇ ئېمبارگولارنىمۇ قوللايدۇ» دېدى.

دۇدا، 2013 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل كۈچىيىپ ماڭغان سۈركىلىشنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشى يولىدا پائال قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، «پولشا، جىددىيچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ. رۇسىيە، ئىستىلاچى سۈپىتىدە يەنە بىر قېتىم خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلماقتا. بۇ جەھەتتە شۇبھىمىز يوق. دۆلىتىمىز، كىيېۋ بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى سۈركىلىشكە چارە تېپىش يولىدىكى ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىققا قاتنىشىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت رادېۋمۇ، ئىككى ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنىڭ تەكىتلەپ، «تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا، دىيالوگ يولى ئارقىلىق ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە كۈچ ئىشلىتىشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز. گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئۇكرائىنالىق ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭمۇ دەرھال قايتۇرۇپ بېرىلىشى پىكرىدىمۇ چىڭ تۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنادا ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەت تۈپەيلى بۇلغارىيە پۇقرالىرىنى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئۇكرائىنا زىيارەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر