خىتاينىڭ شىمالىدا قورقۇنچلۇق قۇم بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ شىمالىدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى شەھىرىدە قۇم بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى.

1095751
خىتاينىڭ شىمالىدا قورقۇنچلۇق قۇم بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شىمالىدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى شەھىرىدە يۈز بەرگەن قۇم بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن رايوندا ئېگىزلىكى 100 مېتىرغا يېتىدىغان قۇم سېپىلى بارلىققا كەلدى. 

جاڭيى شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى (25-نويابىر) كەچتە باشلانغان ۋە ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن قۇم بورىنى 5 مىنۇت ئىچىدە رايوندىكى بىر يېزىنى باستى.

جاڭيى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، قوم بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت سىگنالىنى ئىشقا سالدى. 

قۇم بورىنى شەھەردىكى بەزى قاتناش يوللىرىدا كۆرۈش مۇساپىسىنى 100 مېتىردىنمۇ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويدى.

قۇم بورىنىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە ئاپەتتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ-كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر