ئافغانىستاندا تالىبان نۇرغۇن ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ فاراخ ۋىلايىتىدە تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 18 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1094810
ئافغانىستاندا تالىبان نۇرغۇن ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ فاراخ ۋىلايىتىدە تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ 18 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

فاراخ ۋىلايىتى شۇرا ۋەكىلى دادۇللاھ قانى، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ فاراختا لاس جاۋىن ناھىيەسىگە قاراپ مېڭىۋاتقان ساقچى ئەترىتىگە پىستىرما قۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا 18 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان قانى، ئۆلگەنلەر ئىچىدە لاس جاۋىن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇھەممەد ئىقبالنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

تالىبانمۇ ۋەقە توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا 25 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر