سەلمان بەھرەيىندە زىيارەتتە بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتىگە بەھرەيىنگە باردى.

1095188
سەلمان بەھرەيىندە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت ماناماغا يېتىپ بارغان سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە تۇنجى بولۇپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولغانىدى.

ئەرەبىستان شاھزادىسى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئايرىلغانىدى. ئۇنىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىنىڭ قايسى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئېلان قىلىنمىدى.

بەزى دۆلەتلەردە ئەرەبىستان شاھزادىسىنىڭ قىلغۇچى زىيارىتىگە پەرقلىق ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر