غەربىي تىراكيادا تۈركچە دەرس سائەتلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

غەربىي تىراكيادىكى گۈمۈلجىنە مەدرەسەئى خەيرىييە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى، تۈركچە دەرس سائەتلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1095190
غەربىي تىراكيادا تۈركچە دەرس سائەتلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەكتەپ ئەنجۇمەنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، سومكىلىرىنى ئالماستىنلا مەكتەپكە بارغان ئوقۇغۇچىلار،  دەرۋازىغا قولۇپ سېلىۋېلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

ئوقۇغۇچىلار، گۈمۈلجىنەنىڭ باشقا ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان دەرس پىلانىنىڭ مەدرەسەئى خەيرىييەدىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

مەدرەسەئى خەيرىييە ئەنجۇمەن ھەيئىتى بىلەن ئاتا – ئانىلارمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن نامايىشتا، «بارلىق ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىدىكىگە ئوخشاش، تۈركچە بىلەن گىرېكچە دەرسلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنىڭ ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز»، «مەدرەسەئى خەيرىييەدىكى ئانا تىلدا تەلىم – تەربىيە ۋە دىن دەرسى بېرىشكە چەكلىمە قويغان قارارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلار چىقىرىلدى.

ئەنجۇمەن ھەيئىتى باشلىقى ھەسەن موللا بايانات بېرىپ، مەدرەسەئى خەيرىييەدىكى تۈركچە دەرس سائەتلىرىنىڭ گىرېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قىسقارتىلغانلىقىنى، بىراق، بۇ سىياسەتنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئاخىرقى سىنىپتا بولسا، تۈركچە دەرسلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىمىز ۋە ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىدە بار بولغان ئىككى ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنىڭ مەكتىپىمىزدىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

مەزكۇر مەدرەسەنىڭ گۈمۈلجىنە مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋەقپىگە تەۋە بىر ئورگان سۈپىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىپ كېلىۋاتقان ئىمام – خاتىب تۈسىدىكى بىر مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن موللا، «بىز بۇ يەرنى دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىدىغان بىر ئاز سانلىق مەكتىپى دەپ بىلىمىز ۋە قانۇنى ھەققىمىز نېمە بولسا، ئۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ مەكتەپ بىر ئاز سانلىق مەكتىپى بولسا، بارلىق ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىدە بار بولغان ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسەن يولغا قويۇلۇۋاتقان پىروگراممىنىڭ بۇ يەردىمۇ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. دىنىي بىر ئورۇن بولۇش ئەۋزەللىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، دىن دەرسلىرىنىڭ ئازايتىلىشىنىمۇ قوبۇل قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مەدرەسەئى خەيرىييەنىڭ مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلارغا تەۋە تارىخىي بىر مەكتەپ بولۇشىغا قارىماي، سالاھىيىتىنىڭ تولۇق مەنىدە ئېنىق ئەمەسلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلىكلەرنىڭ پات – پاتلا گىرېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركچە دەرسلەرنىڭ قىسقارتىلىشى، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشى ۋە ماقۇللۇقىنى ئالماستىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ بىر ئاز سانلىق مەكتىپى، بىر ۋەقپە مەكتىپى. بۇنىڭغا ئوخشاش قارارلار چىقىرىلغاندا، چوقۇم بىزنىڭمۇ قارىشىمىز ئېلىنىشى كېرەك ئىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېلىنىشى لازىم. مەدرىسىمىزنىڭ ئاز سانلىق مەكتىپى ۋە ۋەقپە سالاھىيىتى ئەمدى روشەن ھالدا بېكىتىلىشى كېرەك.»

ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى يازما ھالەتتە گىرېتسىيەنىڭ بارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىغا تاپشۇرغانلىقلىرىنى ۋە جاۋاب بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن موللا، «ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاگاھلاندۇرۇش ماھىيىتىگە ئىگە بولۇپ ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. ئارقىدىن نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر