ئەسەد قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلدى

تۈركىيە سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلاردىن بەزىلەرنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ھەق ئىككى تەرەپتىن قويۇپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1094476
ئەسەد قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئاستانە مۇزاكىرە باسقۇچىدا، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى دائىرىسىدە، تەييارلانغان نۇقتىلىق لايىھە ئارقىلىق سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئەسىرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا: «سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ۋە ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بەزى كىشىلەر 2018يىلى 24نويابىردا قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئەلبابنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەبۇ زىندەين رايونىدا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپتىن قويۇپ بېرىلدى. سۈرىيەدە تۇقۇنۇش ئىچىدىكى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئىشەنچنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تۇنجى قەدەم بولدى. بۇ ئارقىلىق باشقا يېڭىلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى نىشان قىلىنماقتا» دېيىلدى.

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە ھەربىي قوزغىلاڭچىلار تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا ئەل بابا ناھىيەسىنىڭ تادىف رايونىدا ھەر ئىككى تەرەپ 10 دىن كىشىنى قويۇپ بەردى.

ئاستانا كېلىشىمى ئارقىلىق قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق لايىھەسى دەپمۇ باھا بېرىلگەن بۇ سېمۋوللۇق ئەسىر ئالماشتۇرۇش، 30ۋە 31 - ئىيۇلدا سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن 10نۆۋەتلىك كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىدا رەسمىي قارار قىلىنغان ئىدى.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 1500 كىشىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم. 

بۇ قېتىمقى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تاشلىغان قەدەملىرى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر