ئافغانىستاندا ئەسكەرلەرنىڭ جامەسىدە پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتىدىكى بىرىنچى بىرىگادا قوماندانلىق مەركىزىنىڭ جامەسىدە، جۈمە نامىزىدىن كېيىن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
1093716
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتىدىكى بىرىنچى بىرىگادا قوماندانلىق مەركىزىنىڭ جامەسىدە، جۈمە نامىزىدىن كېيىن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
خوست ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تالەب مانگال ھۇجۇمچىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدىكى جامەدە جۈمە نامىزى ئوقۇلۇۋاتقاندا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى، ۋەقەدە 10 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 15 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ھۇجۇمغا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.