پاكىستان باش مىنىستىرى بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

پاكىستان باش مىنىستىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بەدىلى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورىزمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمىز» دېدى.

1093777
پاكىستان باش مىنىستىرى بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان مەدرىسەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىىلش ئۈچۈن قىلىنغان پىلانلىق ھۇجۇملاردۇر. بەدىلى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورىزمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلىقىمىزدىن ھېچكىم گۇمان قىلمىسۇن» دېدى.

پاكىستان كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى شىرىن مازارى ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئافغانىستاندا ئامېرىكانىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىشى بىلەن، پاكىستان يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشى ۋە بولۇپمۇ خەلقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قەبىلىلەر رايونىدا تېخىمۇ كۆپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك» دېدى.

پاكىستاننىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن خەلق پارتىيەسى رەھبىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ۋەقە ھەققىدە تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرى قايتىدىن قاناۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەملىكەتلىك ھەرىكەت پىلانىنى بالدۇرراق باشلىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر