ئەردوغان شەھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ مۇمكىن

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-گ دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1093090
ئەردوغان شەھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن پايتەخت ئەنقەرەدە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركيىە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى؛ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش» تېمىلىق تۈركىيە رۇسىيە ئاممىۋى مۇنبىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلانىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىبراھىم كالىن ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-گ دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شاھزادەنىڭ ئۇ يەردە ئەردوغان بىلەن بىرەر ئۇچرىشىشى بولارمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «پىروگراممىغا قارايمىز، بەلكى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىبراھىم كالىن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق رېژىسسور ئولىۋېر سىتوننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى مەزمۇن قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دائىر سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ: «ئۇزۇندىن بېرى شۇنداق سۆزلەر تارقىلىپ يۈرۈيدۇ، بىز ئەھۋالغا قاراۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئولىۋېر سىتون بىلەن كۆرۈشىدىغان ياكى كۆرۈشمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ: «ئۇچرىشىش يوق، شۇنداق بىر قاراش بار. بىزگىمۇ يېتىپ كەلدى، قاراۋاتىمىز، مۇزاكىرە قىلىمىز. سىتوننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھۆرمەتلىك پۇتىن ئۈچۈن ئىشلىگەن فىلىمىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ بىرقانچە باشقا ھۆججەتلىك فىلىملىرىمۇ بار» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر