دانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەب بولغان ئىنسانىي كىرىزىس ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1093127
دانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا: «سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى ئىنسانىي كىرىزىس ۋە قاشىقجى جىنايىتىدە ئوچۇق - ئاشكارا سەلىبىي رول ئوينىماقتا. ياۋروپادىن بۇ دۆلەتكە ئۇچۇق بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى يوللايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى» دېدى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندېرس سامۇئېلسېنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى خۇددى دانىيەگە ئوخشاشلا توختىشىش قارارى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ئاندېرس سامۇئېلسېن ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانىڭ ئەكسىچە يول تۇتىۋاتقانلىقىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا مىلياردلارچە دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2- ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە، كونسۇلخانىنىڭ ئىچىدە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.    

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر