ئارگېنتىنا G-20 يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

ئارگېنتىنا پايتەختى بوئىنىس ئايرىستا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانG-20 رەھبەرلەر يىغىنىدا، 22 مىڭ 700 خەۋپسىزلىك خادىمى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

1092202
ئارگېنتىنا G-20  يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا خەۋپسىزلىك مىنىستىرى پاترىكىيا بۇلرىچ G-20  رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (AFI) بىلەن چەت ئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆزئارا زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر بۇلرىچ بوئىنىس ئايرىستىكى كىرچنېر مەدەنىيەت مەركىزىدە، قاتناش مىنىستىرى گۇيىللېرمو دىيېترىچ، G-20 تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باش كوردىناتورى ھېرنان لومباردى ۋە بوئىنىس ئايرىسنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: « G-20گە ئوخشاش دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدىغان يىغىلىشلاردا، بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ناھايىتى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خىزمەت ئىشلىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يىغىن ئېچىلىدىغان كۈنلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «كىم نامايىش قىلماقچى بولسا، تىنچلىق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدە، زوراۋانلىق قىلماستىن قىلىشى كېرەك» دېدى.

G-20 تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باش كوردىناتورى ھېرنان لومباردى يىغىن ئۈچۈن چەت دۆلەتلەردىن مۇخبىرلار، ۋەكىللەر ۋە يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئارەېنتىناغا كېلىدىغانلىقىنى، 3مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىرنىڭ يىغىنىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

G-20 رەھبەرلەر يىغىنى 30-نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە ئارگېنتىنا پايتەختى بوئىنىس ئايرىستا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر