ترامپنىڭ شاھزادىگە ئالاقىدار پاكىتلارنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شاھزادىنىڭ بۇ جىنايەتتە قولى بارلىقى ئېھتىمالىنى قوبۇل قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

1091360
ترامپنىڭ شاھزادىگە ئالاقىدار پاكىتلارنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمانغا ئىشارەت قىلىدىغان پاكىتلارنىڭ كۆپەيگەن بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شاھزادىنىڭ بۇ جىنايەتتە قولى بارلىقى ئېھتىمالىنى قوبۇل قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

مارك لاندېر ئىمزالىق «قاشىقجىغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارغا قارىماي، ترامپ تەخت ۋارىسى شاھزادىنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن ئانالىزدا، ترامپنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ قاشىقجىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتى ئېلان قىلىنماستىنلا ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ترامپقا نىسبەتەن شاھزادە مۇھەممەدنىڭ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ جىنايەت بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى دېيىشى كۇپايە» دېگەن ئىبارىگە ئورۇن بېرىلگەن ماقالىدە، ترامپنىڭ قاشىقجى جىنايىتىدە ئىشەنچىسىنى تەۋرىتىپ قويىدىغان پاكىتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغان ئاۋاز لېنتىسىنىمۇ «ئازابلىغۇچى ۋە قورقۇنچلۇق»  ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تىڭشاشنى خالىمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

لاندېر ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ترامپنىڭ باياناتلىرى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، ئىراندىن ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تايانچى بولغان ۋە كېلىشىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىرغىچە پۇلى تۆلەنمىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي قوراللىرىنىڭ مۇھىم بىر خېرىدارى بولغان سەئۇدى تەختىنىڭ 33 ياشلىق ۋارىسىغا قانچىلىق چوڭقۇر مەبلەغ سالغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان جانلىق بىر كارتېنا بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھالقىلىق ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ماقالىدە، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن مەجلىستە ھاسىل بولغان يەمەنگە قارشى دولقۇنغا قارشى ئاقساراينىڭ قاشىقجى ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ توقۇنۇشلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېسىقتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھەممەد بىن سەلمانغا بېسىم ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى قارىشىمۇ ئورتاقلىشىلدى.

ماقالىدە برۇكىڭ ئىنسىتىتۇتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىشلىرى بويىچە پىشقەدەم مۇتەخەسسىسى برۇس ئو.رىئېدېلنىڭ «ترامپ دائىرىلىرىنىڭ يەمەن ئارقىلىق مەجلىسنى سېتىۋالغىلى ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق. بىراق بۇ، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ رايوندا مۇقىملىقنى بۇزغۇچى بىر كۈچ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدۇ» دېگەن ئانالىزىغا ئورۇن بېرىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر