ماھاتىر مۇھەممەد: خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزبېچىمچىلىق بىلەن ھاكىمىيەت تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد قايتىدىن مۇستەملىكە ئاستىغا كىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1091630
ماھاتىر مۇھەممەد: خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزبېچىمچىلىق بىلەن ھاكىمىيەت تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Malaysiakini» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ «Mekong Review» ژۇرنىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە، جۇنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسلىسى ئۈستىدە توختالغانلىقى قەيت قىلىندى. 

باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد خىتاينىڭ رايوندا ئۆزبېچىمچىلىق بىلەن ھاكىمىيەت تىكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقنى تەكىتلەپ، «خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن ئۆتكەن بارلىق پاراخوتلارنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ يۈرمىسە، مالايشىياغا نىسبتەن بىرەر مەسىلە بولمايدۇ. خىتاي ھازىرچە ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايۋاتىدۇ. بىراق كېيىنچە پاراخوتلارنى تەكشۈرۈشنى باشلىسا، ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ» دېدى. 

ماھاتىر مۇھەممەد خىتاينىڭ رايوندىكى كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابەن: «ھازىر مالايشىيا نوپۇسىنىڭ %25 ى خىتايلاردىن تەكشىل تاپىدۇ. ئەينى چاغدا مالايشىيانى ئىشغال قىلايدىغان ۋەزىيەتتە ئۇنداق قىلالمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن پورتۇگالىيە 1950يىلى مالايشىيا بېسىپ كېلىپ، 2 يىلدا بىزنى ئىشغال قىلدى. ئۇنداقتا بىز كىمدىن قورقۇيمىز؟» دېدى. 

ماھاتىر مۇھەممەد مالايشىيانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خىتاينىڭ ھازىر تولۇق مەنىسى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن مالايشىيانى سېتىۋالالىغۇدەك پۇلى بار. ئەگەر خىتاي سېتىۋالغان بولسا ئىدى، ھازىر بىز خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان بولاتتۇق. لېكىن بىز ئۇزۇن يىللارغىچە مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىقىمىزغا ئېرىشتۇق. مالايشىيانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق. بىز يەنە بىر قېتىم قايتىدىن ھەرگىزمۇ مۇستەملىكە بولۇشنى خالىمايمىز» دېدى.

ئەڭ مۇھىم دېڭىز ئۆتكەللىرىدىن بىرسى بولغان شۇنداقلا گىندوكاربون بايلىقى مول، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا، خىتاي، فىلىپپىن، ۋيېتنام، مالايشىيا، بۇرۇناي ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر