چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گۇتېررېس قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

1091150
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گۇتېررېس قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ب د ت  نىڭ نيۇ يوركتىكى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 – نۆۋەتلىك دۇنيا مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ب د ت  باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفانې دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، «چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گۇتېررېس يەمەن، سۈرىيە، قىبرىس ۋە جەمال قاشىقجى جىنايىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشتى. خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي تەلەپ تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن باش كاتىپنىڭ سالاھىيەت بېرىلىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر