مېي ئەنگلىيە- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1090716
مېي ئەنگلىيە- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«سكا خەۋەر»ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باش ۋەزىر مېي، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن مېي، ئىشەنچ ئاۋازى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانسا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېرېسا مېي 25-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئەنگلىيەنىڭ كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل  قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېرېسا مېي: ئالدىمىزدىكى 7 كۈن ئەنگلىيەنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىمدۇر، دېدى.

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم،  ئەركىن ساياھەت ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، ياۋوپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا «بىرلا تاموژنا رايونى»قۇرۇش، ئەنگلىيە 2019-يىلى 29-مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن  تولۇق ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن 21 ئايلىق ئۆتكۈنچى مەزگىل يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى ئىچىدە بۇ كېلىشىمنى قوللىمايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى، پارتىيە باشلىقى ۋە باش ۋەزىر تېرېسا مېي توغرۇلۇق ئىشەنچ ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن ئىمزا يىغماقتا.

كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسىدە پارتىيە باشلىقى ئۈستىدە ئىشەنچ ئاۋازى ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ %15ى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن ھەپتە  كېلىشىمنىڭ تېكىستى توغرۇلۇق پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

لېكىن 585 سەھىپىلىك كېلىشىم تېكىستى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە كىرىزىس پەيدا قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا دائىر كېلىشىم تېكىستىنى ياقتۇرمىغان مىنىستىر دومىنىك رەئەب بىلەن ئەمگەك ۋە پىنسىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئېستېر ماكۋېي بولۇپ بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئىستېپا بەردى.

كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسىدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى، باش ۋەزىر تېرېسا مېينىڭ پىلانىغا «ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ بېقىندى قىلىپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن »قارشى چىقىپ كېلىۋاتاتتى.

كېلىشىم بويىچە ئەنگلىيە 2019-يىلى 29-مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئايرىلىپ چىقىشى كېرەك، لېكىن بۇ مۇددەتنىڭ ئۇزارتىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر