ترامپ ژۇرنالىست قاشىقچى توغرۇلۇق توختالدى

دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ جىنايىتى توغرۇلۇق توختالدى.

1089902
ترامپ ژۇرنالىست قاشىقچى توغرۇلۇق توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالست جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى  سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بەرگەنلىكى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قاشىقچى جىنايىتى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىغا ئورۇن ئاجراتتى.

دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ جىنايىتى توغرىسىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جىنايەت بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بەرگەنلىكى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر