نىيۇيوركتا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نىيۇيوركتا پەلەستىن ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1089915
نىيۇيوركتا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نىيۇيوركنىڭ بروكلىن رايونىدا «شېھىتلەرنى ئەسلەش-غەززە ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش»نامى ئاستىدا، نىيۇيورك ۋە ئەتراپىدىكى پەلەستىن ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا، «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى»ھەرىكىتى ئەسناسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت قىلىنغانلار ياد ئېتىلدى.

ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلاردىن سىرت بەزى پەلەستىنلىك شېھىتلارنىڭمۇ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك»دەپ شوئار توۋلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەشتى.

«قىرغىن قىلىنىۋاتقان ۋە غۇرۇرسىز ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان پەلەستىن خەلقىنىڭ بارلىق مىراسلىرىنى ياشنىتىش ئۈچۈن يىغىلدۇق»دەپ شوئارلار توۋلانغان نامايىشتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئامېرىكانىڭ بېجىدىن راسخوت ئاجرىتىپ بېرىشنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ۋە پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر