ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئىچكى كابېنتنى زىلزىلىگە سالدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش توغرۇلۇق تۈزگەن كېلىشىمى ئىچكى كابېنتنى زىلزىلىگە سېلىپ، بەزى ۋەزىرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە سەۋەب بولدى.

1089673
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئىچكى كابېنتنى زىلزىلىگە سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنداقتىمۇ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، ئەنگلىيەنىڭ 2019 – يىلى مارت ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن 4 ۋەزىردىن ئىككىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

تېرېسا مېي، دومىنىك رائابتىن بوشالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا ستېپھېن بارىكلانى، ئېستېر ماكۋېيدىن بوشالغان ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا سابىق ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىئامبېر رۇدنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ئىيۇل ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېىكىش ئىشلىرى ۋەزىرى دەيۋىد دەيۋىس بىلەن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون، 2018 – يىلى 9 – نويابىر كۈنى بولسا قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ۋەزىرى جو جونسون، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.

ئەنگلىيە 2016 – يىلى 23 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر