رىياد قاشىقجىنىڭ جەسىتىنىڭ كونسۇلخانىسىدا پارچىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، جەمال قاشىقجىنىڭ جەسىتىنىڭ پارچىلىنىپ كونسۇلخانىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1088530
رىياد قاشىقجىنىڭ جەسىتىنىڭ كونسۇلخانىسىدا پارچىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا سادىر قىلىنغان جىنايەتتە بوغۇش ۋە ئۆلتۈرگۈدەك مىقداردا دورا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، جەسەتنىڭ پارچىلىنىپ كونسۇلخانىدىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مۇپەتتىش، ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ كونسۇلخانىدا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، جەسەتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جەمال قاشىقجىنىڭ دۆلەتكە ئېلىپ كېتىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەرەبىستان باش مۇپەتتىشى، 11 گۇماندارىنىڭ بەشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئۆلۈم بۇيرۇقىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا بارغان گۇرۇپپىنىڭ باشلىقىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ كونسۇلخانىدىكى كامېرالارنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ مەسلىھەتچىسى سۇئۇد ئەلقەھتانىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، قەھتانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ كېتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر