ئامېرىكا ھىزبۇللاھ رەھبىرىنىڭ ئوغلىنى «<خەلقئارالىق تېررورچىلار> تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھەسەن نەسراللاھنىڭ ئوغلى جەۋاد نەسراللاھ بىلەن مۇجاھىدلار ئەترىتىنى «ئالاھىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

1087839
ئامېرىكا ھىزبۇللاھ رەھبىرىنىڭ ئوغلىنى «<خەلقئارالىق تېررورچىلار> تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارارنىڭ، ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان كىشى ۋە گۇرۇپپىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھەقتە چىرىقىلغان قارار، نەسراللاھ ۋە مۇجاھىدلار ئەترىتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان بارلىق مال – مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويماقتا، ھەمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا چەكلىمە قويماقتا. بۇ ھەقتە تاشلانغان قەدەم، ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىرانغا قارىتىلغان بۇ ئېمبارگولار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تېھرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولار ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرلىرى ھېسابلىنىدۇ.»

باياناتتا يەنە، ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەتلەر، ئاخبارات توپلاش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇۋاتقان 4 ھىزبۇللاھ خادىمىنىڭمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلىپ، «<خەلقئارالىق تېررورچىلار> تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھەسەن نەسراللاھنىڭ ئوغلى جەۋاد نەسراللاھ بولۇپمۇ ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنى، ئىيوردانىيە ۋە مىسىردا ئاخبارات توپلاش، قورال - ياراغ سېتىۋېلىش ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى پىلانلاپ، ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە بىر گۇرۇپپا قۇرغان ۋە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر