يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە يەمەن ئارمىيەسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىردە يەمەن ئارمىيەسى شىئە ھۇسىيلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، بىر نەچچە جاينى قايتۇرۇۋالدى.

1085979
يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە يەمەن ئارمىيەسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە ئىزچىل ئىلگىرىۋاتقان يەمەن ئارمىيەسى، شەھەردىكى بىر نەچچە جاينى قايتۇرۇپ ئالدى.

يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە « 26 خەۋەر.نېت»ئىسىملىك تور بېتىنىڭ يەمەن ئارمىيەسى 2-پىياد قىسمى ئوفېستىرى ئەھمەد ئەل-جۇھايلىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ھۇدەيدەنىڭ ئەر-رابسا رايونىغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ بىر نەچچە جاينى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا قارشى تەرەپتىن بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان جۇھايلى، يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۇدەيدە شەھىرى ۋە پورتىنى شىئە ھۇسىيلاردىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن، 13-ئىيۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىمۇ بۇ يىل 17-سېنتەبىردە شەھەرنى شىئە ھۇسىيلاردىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي قوزغىغانىدى.

ب د ت تەرىپىدىن يەمەننىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، يەمەن نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن.

ئىچكى ئۇرۇشتا يەمەندە 15مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ يارىلانغان بولسا، ئۇرۇش تۈپەيلى سەھىيە ساھەسى ۋەيران بولۇپ خولېرا، دىپتېرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەڭ تارقالغان.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەھنە بولىۋاتقان يەمەندە، شىئە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدە تۇتۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر