پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ كۆرۈشتى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ۋىلادىمىرپۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىسترى بۇنيامىن نېتانىياھۇ كۆرۈشتى.

1085795
پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىسىتىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا كۆرۈشتى.

  1. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئەسناسىدا پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشتى.

پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ  بۇ يىل سېنتەبىردە سۈرىيەدە رۇسىيەگە تەۋە بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك تېل ئاۋىۋ بىلەن موسكوۋا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئېلىيسې سارىيىدا دۇنيا لىدېدلارنىڭ شەرىپىگە بەرگەن چۈشلۈك زىياپەتتە كۆرۈشكەن پۇتىن بىلەن نېتانىياھۇنىڭ  قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

نېتانياھۇ پارىژدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.» نېتانياھۇ پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى لېكىن قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقى توغرۇلۇق توختالمىدى.

باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئۆتكەن ئاي بايانات بەرگەندە پۇتىن بىلەن «پات يېقىندا كۆرۈشىدىغانلىقى»نى ئېيتقانىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك مېدىيا ئورگىنى « كان»دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، سۈرىيە سەۋەبلىك تېل ئاۋىۋ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان سۈركىلىش تۈپەيلى نېتانىياھۇنىڭ پارىژدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

كىرىمېل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى رەھبەر ھېچقاچان كۆرۈشۈشنى پىلانلىمىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن.»

رۇسىيەگە تەۋە «ئىل-20»تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان بۇ يىل 17-سېنتەبىردە سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە « S-200 »تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىن تېل ئاۋىۋ-موسكوۋا مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش يۈز بەردى.

رۇسىيە دائىرىلىرى لازىقىيە شەھىرىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ھەربىي ئىسكىلاتنى بومباردىمان قىلغان ئىسرائىلىيەگە تەۋە « F-16» ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ، 15 رۇس ئەسكىرىنى ئېلىپ ماڭغان « ئىل-20» تىپلىق ئايروپىلاندىن قالقان سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  

ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى، شۇڭا بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى.

رۇسىيە بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى « S-300 » تىپلىق ھاۋا مۇدپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر