دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدە پويىز قازاسى يۈز بەردى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە سەپەر ئۈستىدىكى بىر يۈك پويىزى رىلىستىن چىقىپ كېتىپ، كەم دېگەندە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1086051
دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدە پويىز قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى لۇمباشى شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان يۈك پويىزى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى كىندۇ ۋە كامىنا شەھەرلىرى ئارىسىدا رىلىستىن چىقىپ كەتكەن، قازادا يۈك پويىزىغا قانۇنسىز چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن يولۇچىلاردىن 40 نەپىرى جېنىدىن ئايرىلغان، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

قازانىڭ سۈرئەتنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تۆمۈر يولىدىكى كاشىلىلار تۈپەيلى يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆمۈر يولى ئورگىنى، قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۆمۈر يولى ئۈستقۇرۇلمىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر يۈزىسىدىن پات – پات پويىز قازالىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

قاتناش ۋاسىتىلىرى يېتەرسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن كىشىلەر قانۇنسىز شەكىلدە يۈك پويىزلىرىغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشقا تىرىشىدۇ.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 2017 – يىلى بىر يۈك پويىزى رىلىستىن چىقىپ كەتكەن، قازادا پويىزغا قانۇنسىز شەكىلدە ئولتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن 35 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر