بىر قىسىم ئاراكانلىق مۇسۇلمان بىرماغا قايتۇرۇېتىلىدۇ

بىرما ۋە باڭلادېش دائىرىلىرى بىر قىسىم ئاراكانلىق مۇسۇلماننى قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلدى.

1086282
بىر قىسىم ئاراكانلىق مۇسۇلمان بىرماغا قايتۇرۇېتىلىدۇ
arakanli muslumanlar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈپەيلى باڭلادېشقا قېچىپ كەتكەن 5000 ئاراكانلىق مۇسۇلمان بىرماغا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ.

باڭلادېشقا  قېچىپ بارغان بىرمالىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمىنى بىرماغا قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا بىرما بىلەن باڭلادېش دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلدى.

كېلىشىم دائىرىسىدە جەمئىي 5000 بىرمالىق مۇسۇلمان قايتۇرۇۋېتىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ 15-نويابىردا دەسلەپكى قەدەمدە 2000 مىڭ بىرمالىق مۇسۇلمان قايتۇرۇلىدىكەن.

لېكىن قايتۇرۇلىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىدە ئىسمى بولغان نۇرغۇن كىشى قايتىپ كېتىشنى رەت قىلماقتا.

بىرما ھاللىق تۇرمۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مىنىستىرى ۋىن مىيات ئايې، دەسلەپكى قەدەمدە 2251 ئادەمنىڭ دېڭىز ئارقىلىق قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، كېيىنكى قەدەمدە 2095 ئادەمنىڭ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  بىرمادىكى بىخەتەرلىك شارائىتلىرىنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىرما ۋە باڭلادېش دائىرىلىرىنى بىرمالىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىققا چاقىردى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بىرمالىق مۇسۇلمانلار بىرمادىكى بىخەتەرلىك شارائىتىدىن خاتىرجەم بولالمىسا، ئۇلارغا باڭلادېشقا تەكرار قايتىپ كېتىش ھوقۇقى بېرىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرما ھۆكۈمىتى پۇقرالىق ھوقۇقى بەرمەي كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئاراكانلىق مۇسۇلمان، يىللاردىن بۇيان بېسىم  ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشىغان بىرماغا قايتىپ كېتىشنى خالىمايدۇ.

بىرما ھۆكۈمىتى بىرمالىق مۇسۇلمانلارغا نورمال پۇقرالىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئالاھىدە كىملىك بېرىدىغانلىقى، ھەتتا ئاشلىق ۋە قونالغۇ جاي ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ كەلمەكتە.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ناۋادا بىرمادا بىخەتەر شارائىت بەرپا قىلىنماي تۇرۇپ بىرماغا قايتقان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاننى تاشلاپ باڭلادېشقا قاچقانلارنىڭ سانى 720مىڭغا يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر