بېلگىيەدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1085476
بېلگىيەدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەندە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بېلگىيەدىكى يەمەن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېلگىيە ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەندە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزلەرچە ئادەم قاتناشتى.

نامايىشتا "يەمەن خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتايلى، قاتىل سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تېررورچى سەئۇدى ئەرەبىستان"غا ئوخشاش شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشچىلار"يەمەندىكى قەتلىئاملارنى توختىتىڭلار، ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى، سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنلىكلەرنى قىرغىن قىلماقتا"دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

يەمەندە تەخمىنەن 4 يىل ئىلگىرى پارتىلغان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك، يەمەن خەلقى ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس ۋە ئاچارچىلىققا دۇچار بولماقتا.

29 مىليون نوپۇسلۇق يەمەندە 22 مىليون 200 مىڭ كىشى جىددىي ياردەم بۇيۇملىرى ۋە قوغدىنىشقا ئېھتىياجلىق ھالەتتە تۇرماقتا.  

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىسزلىققا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان شىئە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولسا، يەمەننىڭ نۇرغۇن شەھىرى يەمەن ئارمىيەسى بىلەن شىئە ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلىدىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر