ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى سېسسىيون ترامپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسسيون، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىستىكىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1083937
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى سېسسىيون ترامپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېسسىيون ئىستېپا مەكتۇپىدا، «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت سىزنىڭ ئىستىكىڭىزگە ئاساسەن ئستېپا بېرىمەن. ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

خىزمىتىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئورۇندىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سېسسىيون، بارلىق خىزمەتداشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسسىيونغا خىزمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز ۋە ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلىرىمىزنى سۇنىمىز. بۇ ۋەزىپىگە كىمنىڭ مۇقىم تەيىنلىنىدىغانلىقى ئالدىمىزدا بېكىتىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، سېسسىيوننىڭ ئورنىدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى كاتىبات ئىشخانىسى مۇدىرى ماتتېۋ گ.ۋىتاكېرنىڭ مۇۋەققەت ۋەزىپە ئۆتەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر