ئىككى كورېيە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى

ئىككى كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ غەربىي چىگراسىدىكى خەن ۋە ئىمجىن دەريالىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى.

1082244
ئىككى كورېيە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ غەربىي چىگراسىدىكى خەن ۋە ئىمجىن دەريالىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن كېلىشتى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىككى كورېيەنىڭ ھەربىي سۈركىلىش سەۋەبىدىن ئىشلىتىلمەي كېلىنىۋاتقان خەن ۋە ئىمجىن دەريالىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، دەريا ئېغىزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورتاق خىزمەتلەرنىڭ يىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى، بۇ دەريالارنىڭ ساياھەتچىلىك، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداش ۋە قۇرۇلۇش بۇيۇملىرىنى يىغىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #كورېيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر