ترامپ: قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەيمىز، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى خالىمايمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1082200
ترامپ: قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەيمىز، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى خالىمايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو توغرىسىدا توختىلىپ، ئومۇمىي ئېمبارگولار بىلەن ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى مەسىلىسىنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىم ھالدا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. ئۇ، ئىرانغا قارشى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە قاتتىق پوزىتسىيەگە ئۆتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، «(ئىرانغا قارىتا) ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ كۈچلۈك ئېمبارگولارنى يولغا قويدۇق، لېكىن، نېفىت مەسىلىسىدە بىر قەدەر ئاستا ئىلگىرىلەشنى خالايمىز، دۇنيادا نېفىت باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى خالىمايمەن» دېدى.

نېفىت باھاسى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تەمكىن پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ترامپ، «بۇنىڭ ئىران بىلەن بىر ئالاقىسى يوق، ئىراننىڭ نېفىتى (ئېكسپورتى) نى دەرھاللا نۆلگە چۈشۈرۈشۈم مۇمكىن، ئەمما ئۇنداق قىلغاندا، بازارلاردا ئەندىكىش پەيدا بولىدۇ. نېفىت باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى خالىمايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئىران ئېمبارگولىرى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئەرەبچە ئۇچۇر تارقىتىپ،  «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىران خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە. 40 يىل ئەتراپىدىكى ناچار ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە چىرىكلىكنىڭ كۈلپىتىنى ھەممىدىن كۆپ ئىران خەلقى تارتتى. ئىران تۈزۈمىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئېمبارگولار ئاشلىق، يېزا – ئىگىلىك، دورا ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تۈنۈگۈن، 2015 – يىلىدىكى يادرو كېلىشىمى بىلەن تەڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئېمبارگولارنىڭ ئېنېرگىيە، مالىيە ۋە دېڭىز توشۇمۇچىلىقى ساھەلىرىگە ئالاقىدار ئىككىنچى باسقۇچىنى قايتىدىن يۈرگۈزۈشكە باشىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر