ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنى مەدھىيەلىدى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو كونو تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئالاھىدە چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ۋە ياپونىيەگە نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1081923
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنى مەدھىيەلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو كونو ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مېنىسىرلىقى مېھمان سارىيى «ئىكۇرا»دا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

تارو كونو سۈرىيەدە 3 يىلغىچە گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرۇلغان ياپونىيەلىك ژۇرنالىست جۇمپېي ياسۇدانىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ھەسسەسىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۈگۈن قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىمىزنى پۇرسەت بىلىپ، رەھمەتلىرىمنى يەتكۈزۈشنى خالايمەن. ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقكە تېخىمۇ چوڭقۇر كۆڭۈل بولۇشى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ رول ئويناۋاتقان تۈركىيە، ياپونىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم بىر شېرىكتۇر» دېدى.

تارو كونو تۈركىيەنىڭ ياپونىيەگە نىسبەتەن مۇھىم بىر ئىستىراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كېلەر يىلى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزلىدىغان گ 20 دۆلەتلىرى گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دەپ قارايمىز. شۇڭا سىياسەت، ئىقتىساد، كۈلتۈر ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرىلىرىتىشنى خالايمىز»

تارو كونو مەنسەپدىشى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە قويۇق بىر مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، جاۋۇشئوغلۇغا كورېيە يېرىم ئارىلى قاتارلىق ياپونىيەنىڭ يېرىم ئارالدىكى ئەھۋاللارغا قاراتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئوچۇق - يورۇق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تارو كونو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزئارا مۇزاكىرىنى باشلىدى.

ئىككى مىنىستىر يەنە كەچلىك زىياپەتتىمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر