رۇسىيە ئامېرىكانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1080994
رۇسىيە ئامېرىكانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشىنىڭ ئەكسىچە، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللسىزلىنىش ۋە قوراللارنى كونترول قىلىشقا دائىر خەلقئارا قانۇنغا زىت قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ، زور ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا تامامەن زىت ۋە ئىران ئېمبارگولىرىدا بولغىنىدەك ئۈچىنچى بىر دۆلەتكىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرلا تەرەپنىڭ قارارى بىلەن چقىرىلغان ئېمبارگو قارارلىرىغا قەتئىي قارشىمىز.ئۇزۇن يىللىق تەجرىمىزدىن شۇنى كۆرۈۋالدۇقكى، بېسىم ئارقىلىق ئىراننى ھالسىراتقىلى بولمايدۇ."

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلا دۆلەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارلارنىڭ دىپلوماتىك ساھەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە زىيان بېرىشىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى؛ "ئامېرىكا كەڭ دائىرلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىغا زىت ھالدا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى قارار قىلدى. بىز ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ ئەكسىچە، ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىمقى ئېمبارگو قارارلىرىنى ئەيىبلەيمىز."

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشمى دائىرىسىدە بىكار قىلىنغان بارلىق ئېمبارگولارنىڭ، بۇ يىل 5-نويابىردىن باشلاپ قايتىدىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ئىران بىلەن نېفىت سودىسى قىلىۋاتقان 8 دۆلەتنىڭ ئېمبارگولار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر