ترامپ: سەئۇدىلىقلار ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى)نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، سەئۇدىلىق ئەمەلدارلار توغرىسىدا توختىلىپ، «ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىشتى» دېدى.

1079447
ترامپ: سەئۇدىلىقلار ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، بىر مۇخبىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزىگە خىيانەت – قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا، «ماڭا خىيانەت قىلىشمىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالدىمىزدا كۆپلىگەن ھەقىقەتلەر بار، بۇلارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز. ئۇلار (سەئۇدىلىقلار) ماڭا خىيانەت قىلىشمىدى، بەلكى ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىشتى. بۇ ئىشنىڭ قانداق نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو، مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن كامېرالارغا يېپىق مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش مۇپەتتىشى ئىرفان فىداننىڭ ئەڭ يېڭى باياناتلىرىغا تايانغان ھالدا قاشىقجى جىنايىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جىنايەت توغرىسىدا مەلۇمات توپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەسىلىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېدى.

ئۇ، تۈرك  ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ جەرياندا ئۆزىمىزمۇ مەلۇمات توپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. كېلەچەكتە قانداق قەدەملەرنى تاشلايمىز، (بۇنى) توپلىغان مەلۇماتلىرىمىز بەلگىلەيدۇ» دېدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «ئۆلتۈرۈلگۈچى جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا – ئالدىن تۈزۈلگەن پىلانغا ئاساسەن – كونسۇلخانا بىناسىغا كىرەر – كىرمەيلا بوغۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەسىتى، يەنە ئالدىن پىلانلانغىنى بويىچە، پارچىلىنىپ يوقىتىپ تاشلانغان» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر