رۇسىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئارخانگېلسىكى شەھىرىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى بىناسىغا يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1078698
رۇسىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاسس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ئەتىگەندە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى بىناسىغا يېقىن جايدا ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەبتىن پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاشتا يارىلانغان بىر كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسناسىدا جېنىدىن ئايرىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كىشىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى خىزمەتچىسى ئەمەس ئىكەن.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر