خادىجە جەنگىز ترامپنى ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانسىىدا ئۆلتۈرۈلگەن جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ لايىقى خاتىجە جەنگىز، سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا يۈز بەرگەن جىنايەتنىڭ جاۋابكارىنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمدارلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1078230
خادىجە جەنگىز ترامپنى ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتىجە جەنگىز رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى ۋە جازالىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «قاشىقجىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» گە ئىشتىراك قىلغان خاتىجە جەنگىز، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا خىتاب قىلىپ، «ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا ۋە ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشىغا ياردەم قىلىڭ، جىنايەتنىڭ ئۈستىنىڭ يېپىۋېتىلىشىگە يول قويماڭ» دېدى.

ئۇ، قاشىجى جىنايىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر سۇيىقەست ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنداق بىر جىنايەتنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ بىلىش ئېھتىمالى بار» دېدى.

جىنايەتنىڭ جاۋابكارىنىڭ رىياد دائىرىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خادىجە، جاۋابكارلارنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى ۋە جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

خادىجە جەنگىز، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەمكارلىق روھىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، بىراق، رەھبەرلەرنىڭ پوزىتسىيەسىگە «ئېغىر ئۈمىدسىزلىك» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر