پۇتىن «<29 – ئۆكتەبىر> جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن « جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يولىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «<29 – ئۆكتەبىر> جۇمھۇرىيەت بايرىمى» قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن تارتىپلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دوستانە، ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، موسكۋا – ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا بارلىق ساھەلەردە تىنچلىقنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىلىۋاتقانلىقى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ، ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ، ھەم ياۋروئاسىيا رايونىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە پائال ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.