رۇسىيەدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كراسنودار رايونىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 6 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.
1076643
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كراسنودار رايونىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 6 كىشى قازا قىلغان، 13 كىشى يارىلانغان، بىر كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان، رايونغا كۆپ ساندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن، كۆپلىگەن كىشىلەر بىخەتەر رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سۇ ئاپىتى كراسنودارغا قاراشلىق سوچى، تۇئاپسې، لازاراسكايا، ئادلېر ۋە نوۋوروسىسىك قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان.